30-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر مەھكىمىنىڭ ئەڭ چوڭ سوت كوللېگىيەسى بولغان بىرىنچى سوت كوللېگىيەسىدە ھۆكۈم ئېلان قىلدى. 40 جاۋابكار ۋە 40 قانۇن ساقچىسى سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئالدىنقى 6 رەت ئورنىغا لىق كەلدى، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلارمۇ ئۈچ رەت بولۇپ ئولتۇردى.
شېنجېن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قارا جەمئىيەت خاراكتېرىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىش ، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش ، تۇتقۇن قىلىۋېلىش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، بۇلاش، قاقتى-سوقتى قىلىش، قىمار ئويناش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، زورلۇق بىلەن سودا قىلىش، باشقىلارنى زەھەر چېكىشكە ئېلىپ قېلىش، پارا بېرىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، رويخەتكە ئېلىنىدىغان دەسمايىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق 14 تۈرلۈك جىنايەتكە تەڭ جازا ئۆلچەپ، جاۋابكار چېن ياۋدۇڭنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە ئۇنىڭغا سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى، 127 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى. ( جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)