باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىدۇ

2013.01.31 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-چېسلا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 1-فېۋرالدىن باشلاپ، زىيارەت قىزىق نۇقتىسى بولۇۋاتقان ئامېرىكا، كورېيە، سىنگاپور، شياڭگاڭ قاتارلىق 180 دۆلەت ۋە رايونغا قارىتىلغان كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەڭشەشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خەلقئاراغا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە قارىتىلغان كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى 21 ھەق رايونىغا ئايرىغان. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ھەق رايونى «1 يۈەنلىك رايون، 2 يۈەنلىك رايون ۋە 3 يۈەنلىك رايون» دەپ 3 رايونغا قىسقارتىلغان، كەزمە مۇلازىمەت ھەققى زور نىسبەتتە تۆۋەنلىتىلىپ، ھەر مىنۇتلۇق مۇلازىمەت ھەققى 0.99 يۈەنگە، 1.99 يۈەنگە ۋە 2.99 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن. 1 يۈەنلىك رايونلار جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، تەيۋەن رايونى ۋە كورېيە، سىنگاپور، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى، 2 يۈەنلىك رايونلار فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 27 دۆلەت ۋە رايوننى، 3 يۈەنلىك رايونلار ياپونىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق 145 دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئامېرىكا تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ھەر مىنۇتلۇق خەلقئارا كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئادەتتە 6.1 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدىكەن، ياپونىيە تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ھەر مىنۇتلۇق خەلقئارالىق كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 61 يۈەنگە يېتىدىكەن.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە