باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇدا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەر ئېغىزىدىكى دۇكان ئىگىلىرىگە ۋاقىتلىق 50 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ

2013.01.31 16:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى 31-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى. تۈنۈگۈن كاڭۋاڭ جەنۇبىي يولىدىكى يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بۈز بەرگنىگە ئۈچ كۈن بولدى. نۆۋەتتە، يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتىن شەكىللەنگەن ئازگال ئاساسىي جەھەتتىن تۈزلىنىپ بولدى ھەمدە ۋەقە سەۋەبلىك خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۆيلەرمۇ بىر-بىرلەپ چېقىلىشقا باشلىدى. نەق مەيدان ئەتراپىدىكى تېلېگراف نور كابىلى، گاز تۇرۇبىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ھەمدە سۇ، ئەۋرەز، توك يوللىرى ۋە تىراللىبوس توك يولى جىددىي رېمونت قىلىش لايىھەسى بويىچە تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

  تۈنۈگۈن، لىڭنەن كوچا باشقارمىسى مېتروغا مەسئۇل تەرەپ ۋەكىللىرىنى قايتا تەشكىللەپ، ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان سودىگەرلەر ۋە ئائىلىلىكلەرگە تولۇقلىما پۇل بېرىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەر ئېغىزىدىكى سودا دۇكىنىنىڭ ئىگىلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن، ئائىلىلىكلەرنىڭ ھەر بىر نوپۇسقا 2600 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە