باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزدى

2012.11.11 14:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى 10-نويابىر «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتەيلى» دېگەن تېمىدا مېدىيە مەركىزىدە كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزدى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى جۇجى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ليۇ جېنيا، 31 ئېغىر سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لياڭ ۋېنگېن قاتارلىقلار جۇڭگولۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جۇجى مۇنداق دېدى: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىككى قېتىم پەن-تېخنىكا يىغىنى ئاچتى، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇجى مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا-پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش. يادرولۇق تېخنىكا ۋە مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، داڭلىق ماركا ۋە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە زور بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى تېزدىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنى يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ئاي پەرىسى 3-نومۇر بىلەن ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرغا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە بولدى. ما شىڭرۈي مۇنداق دېدى: ھازىرقى پىلانغا ئاساسەن، ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا تەتقىق قىلىپ ياساش باسقۇچىدا تۇرماقتا، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى مۇمكىن؛ ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرنىڭ تۆۋەن ئوربىتىلىق توشۇش ئىقتىدارى 25 توننا بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى توشۇش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى توشۇغۇچى راكېتالارنىڭ بىرى. كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاي پەرىسى 3-نومۇرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئايغا قونۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاي پەرىسى 3-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇنلىنىشى بىلەن جۇڭگونىڭ ئېگىز بوشلۇقنى تەكشۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.

  ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش تېخنىكىسى-ئېلىمىزنى دۇنيا ئېنېرگىيە ساھەسىدە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىگە ئىگە قىلدى. ليۇ جېنيا مۇنداق دېدى: ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش-ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش شارائىتىنى تولۇق ھازىرلىدى، بۇ ئارقىلىق، كۆمۈرنى ئېلېكتىرگە ئايلاندۇرۇش، توكنى پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  لياڭ ۋېنگېن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدە كۆڭلىدىكى گەپنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 31 ئېغىر سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پايدىسى ۋە تاپشۇرغان بېجى 16 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭغا تەتقىقات، سېلىنما ئارقىلىق ئېرىشتۇق. 31 ئېغىر سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى خەلقئارالىشىشنى كارخانىنىڭ 3-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلىشىگە ئايلاندۇردى، بۇ يىللىق خەلقئارالىشىش كىرىمى ئون مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، يەنە سېتىش سوممىسىنىڭ %15 نى ئىگىلەيدۇ؛ مەن بەش يىلدىن كېيىن %40 تىن %50 كىچە نىسبەتنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}