باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتاي 2-قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2012.11.11 09:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-نويابىر چۈشتىن كىيىن، 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى مېدىيا مەركىزىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق زالدا 2- قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى جاڭ پىڭنى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  جاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: باش سېكرېتار خۇجىنتاۋ پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتى، پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ خىزمىتى ۋە ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى شانلىق نەتىجىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك يەكۈنى. 10-يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىلمىي تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تىرىشىپ تېزلىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەپ كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم ھالدا بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشنى ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى. 2011-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 47 تىرىلىيون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى. 10 يىلدىن بۇيان ئىقتىساد ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %10.7 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا 2-ئورۇنغا ئۆتتى. مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.7 ئېشىپ، دۇنيادا 1-چوڭ ئېكسپورت دۆلىتىگە ۋە 2- چوڭ ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلاندى. شەھەر بازار ئاھاللىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشتى، ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى، خەلق ئاممىسى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلەردىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن بولدى.

  جياڭ پىڭ مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئاستىلاش ئەھۋالى كۆرۈلەمدۇ يوق دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئاستىلاش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۆپلىگەن ئامىللەرنىڭ تەسىردىن بولدى. 8-ئايدىن كېيىن، كۆرۈلگەن ئىقتىسادنىڭ ئىشىشدا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىندى. بىزنىڭ بۇ يىل بېكىتىلگەن ئىقتىسادى تەرەققىيات نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}