- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«ياپونىيە ئامېرىكا مۇداپىئە ھەمكارلىق قوللانمىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى
2012.11.11 08:36
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى 9-نويابىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئىككى تەرەپ «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقى قوللانمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لې 9-نويابىر بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقلىقى تارىخى شارائىتتا شەكىللەنگەن ئىككى تەرەپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، جۇڭگونى ئۆز ئىچگە ئالغان ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. بىز ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە