باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كوللېكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

2012.11.11 14:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ تۈنۈگۈن مېيدىيا ئاخبارات مەركىزىدە جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كوللېكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  چېن دېمىڭ نۆۋەتتىكى ئىمپورت ئېكسپورت ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە جۇڭگونىڭ ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى%6.2 ئاشتى، ئەمما 9-ئايدا ئېكسپورت %9.9 ئاشتى، 10-ئايدا ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %11 دىن ئېشىپ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، خەلقئارا بازارنىڭ تەلىپى تۆۋەن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ چەتئەل سودىسى كارخانىلىرىنىڭ سودىسى تەسلەشتى، ئەمما يەنىلا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن تېز بولدى، خەلقئارا بازاردا ئىگىلىگەن سالمىقى تۆۋەنلىمەيلا قالماي يەنە ئازراق ئۆرلىدى، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىدىمۇ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، رۇسىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارغا قىلغان ئېكسپورتى تېز ئېشىپ %10 دىن ئاشتى، بەزى كارخانىلار قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ماركا يېتىشتۈرگەنلىكتىن خەلقئارا رىقابەت كۈچى يەنىمۇ ئاشتى.

  چېن دېمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوۋۇيۈەن چىقارغان تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، جۇڭگو ئىمپورت كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  چېن دېمىڭ ئىستېمالنى قانداق كېڭەيتىش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىستېمال، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىستېمالنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %55 گە يەتتى، كەلگۈسىدە ئىستېمال تەلىپىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا بىزنىڭ ئاساسلىقى مۇنداق ئالتە جەھەتتە تەسەۋۋۇرىمىز بار، جۈملىدىن، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى ئاشۇرۇش، ماركا ئىستېمالىنى تەشەببۇس قىلىش، تور ئىستېمالىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەھاكازالار . تور ئىستېمالىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا توردا تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى %40 دىن ئاشتى، كېيىنكى قەدەمدە مۇنەۋۋەر تور ئىستېمال سەھنىسى تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش، قوللاش شۇنىڭ بىلەن بىرگە توردا سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

  مۇخبىرلار جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىگە قانداق باھا بېرىسىز دەپ سورىغاندا چېن دېمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيەنىڭ ئاتالمىش ئارال سېتىۋېلىش نەيرىڭى جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى تەرز يەتكۈزدى، مەيلى جۇڭگونىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ئېكسپورت سودىسى ۋە ياكى ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئېكسپورت سودىسى بولسۇن ھەممىسى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، بىز بۇنداق ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى ھەقىقەتەن خالىمايمىز، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ياپونىيە كارخانىلىرى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدۇ، بىز ياپونىيەنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تېز تۈزىتىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي نورمال يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە