باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2012.11.11 10:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېڭىز ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز ئوكياننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز ئوكيان ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى قۇرۇپ چىقىمىز. 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ سىگۈي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىغا كىرگۈزۈلىشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم ئەھمىيەتكە، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشى، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشىدە بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول.

  كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش دېڭىز ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش، دېڭىز ئوكياندىن پايدىلىنىش، دېڭىز ئوكياننى قوغداش، دېڭىز ئوكياننى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش جەھەتتە كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال كۈچكە ئىگە دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ، نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادى دېڭىز ئوكيانغا يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدىغان سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىساد بولۇپ، دېڭىز ئوكيان بايلىقى، بوشلۇقىغا تايىنىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئۆزىگە قاراشلىق دېڭىز ساھىلى سىرتىدىكى دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىنىمۇ ئۈزلۈكسىز قوغداش ۋە كېڭەيتىشكە توغرا كەلدى.

  كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى قۇرۇپ چىققاندىلا ئاندىن بۇلارغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  ليۇ سىگۈي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەلگۈسىدە دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسى دېڭىز ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش، دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېڭىز ئوكيان پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، دېڭىز ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}