باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىن ۋاز كېچىش دەۋەت قىلىندى

2012.11.11 08:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 8-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيويوركتىكى باش ئورگىنىدا مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يولۇقۇۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشدىن ۋاز كېچىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سۆزلىشىش بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ۋاڭ مىن يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق شەكىللەردىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، ئىناق ۋە كەڭ قورساق بولغان دۇنيا قۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان بىر فىلىم ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا يۈكسەك دېققەت قىلىدۇ، جۇڭگو مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر تۈرلۈك شەكىللەردىكى ئىرىقچىلىققا قاراپ تۇرماسلىق سىياسىتنى يولغا قويۇپ، سۆز ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ ئىرىقچىلىق ۋە دىننى سىغدۇرماسلىققا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەسلىكى كېرەك.

  ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، كىشىلىك ھوقۇق ئومۇميۈزلۈك پىرىنسىپىنى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى بىلەن بىرىكتۈرگەندىلا، ئاندىن ھەقىقى ئەمەلىي بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى بېكىتكىلى، خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم تېز ۋە ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشغا تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. جۇڭگو باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى، ئورتاقلىقلارنى بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە