باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

2012.11.11 11:01  

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

  جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10-نويابىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2-قېتىمىلىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يولداش خۇجىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىننىڭ باش كاتىپى شى جىنپىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، تولۇقلىنىدىغان ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تەكلىپتىكى ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى،« جۇڭگو كومپارتىيەسى نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، تولۇقلىنىدىغان ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تەكلىپتىكى ئىسىملىكىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەن قۇرۇلتاينىڭ سايلام ئۇسۇلى ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە ئاۋاز بېرىشنى نازارەت قىلغۇچى، باش نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى. رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە قۇرۇلتاينىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدۇ. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز