باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلدى

2012.11.11 09:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى توڭ مىڭچيەننىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلق دېگەن سۆز 145 قېتىم تىلغا ئېلىنغان؛ دوكلات 64 بەت ، خەنزۇچە خەت ھېسابىدا تەخمىنەن 30 مىڭ خەت كېلىدىكەن. ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قىزىل لىنىيە 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىغا باشتىن ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن.

  خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىش، ئېلىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تىز سۈرەتتە ئۆستۈرۈش، 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىك ئېڭى ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتى نامايان قىلىندى.

  ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى يېڭى تەلەپ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە جان–دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ جەزمەن پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

  ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى، شۇنداقلا جايلار ۋە تارماقلارنىڭ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش پىرىنسىپى ۋە تەلىپى. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بەس بەستە پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى.

  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى خەلق تۇرمۇشىغا يېتەكچى قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. توڭ مىڭچيەن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى مەركەز قىلىپ، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتى، يېشىل تەرەققىيات ، ئادەمنى ئاساس قىلىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۇقرالارغا بەخت يارىتىش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلسا؛ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى يېڭى ھالقىشنى ئاشۇرۇشتا يەنىلا خەلق تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلسە ، دەپ تەكلىپ بەردى. باشتىن ئاخىر خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تېخىمۇ تايىنىش، مۇۋەپپەقىيەتلەردىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم چوقۇم يېڭى سەھىپىنى يېزىپ قالدۇرغۇسى!

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}