باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇتەخەسسىسلەر:جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىپ يەر شارى ئىقتىسادىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى

2012.11.11 08:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەنگېل گۇرىيە 9-نويابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىپ مۇقىم ئاشتى ھەمدە بىر قەدەر ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى؛ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  گۈرىيەنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا: بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادى %7.5دىن %7.7 گىچە ئاشىدىكەن؛ 2014-يىلى%8 گە يېتىدىكەن. بۇندىن كېيىنكى 50 يىلدا مۇقىم ئاشىدىكەن. گۈرىيە جۇڭگونىڭ 12 - بەش يىللىق پىلانىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇ تەرەققىيات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغان ئىنتايىن مۇھىم ھەل قىلىش لايىھەسى، دەپ قارىدى.

  ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى قوشۇمچە نەزەر دوكلاتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئاسا جونسۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بوشلۇقى بىر قەدەر چوڭ. كەلگۈسىدە بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا زور دەرىجىدە تۇرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسمەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ نوپۇسىمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ياردىمى بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولىدۇ.

  ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ 9- نويابىر ئېلان قىلغان ئىقتىسادقا نەزەر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: كەلگۈسى 50 يىلدا يەر شارى ئىقتىسادىي سىجىل مۇقىم ئاشىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 2025-يىلىغا بارغاندا يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 2060-يىلى ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا 34 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە