باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لې كېچياڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى، خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2015.03.08 17:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار 7-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىرىشىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لې كېچياڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى، خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە كۆپچىلىك بىلەن كۆز قاراشلىرىنى كەڭ كۇشادە بايان قىلىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جياڭسۇنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى كۆپ، تەرەققىياتتىكى دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتا ئالدىن قاتاردا مېڭىشى كېرەك. 1-، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدە تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيەسىنى يارىتىشى كېرەك. ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازار ۋە كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ مۇستەقىل ھوقۇق بېرىپ، ھەممە كىشىنى ئويلىيالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان، بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك. 2-، يېڭىلىق يارىتىش قوزغىتىش يېڭى پايدا ھاسىل قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قويۇپ بېرىپ، مىليونلىغان كىشىنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك يارىتىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 3-، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىدا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرتىپلىك ئوتتۇرا غەربى قىسىمغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا غەربى قىسىم بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. لى كېچياڭ خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خېبېي تېخىمۇ ياخشى، تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەڭكەش مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش داۋامىدا يېڭى يولنى تېپىپ چىقىشى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز شاللاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى مەدەت بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىدا يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىدارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ بىلەن تىيەنجىننىڭ كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك تۇتاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئوبدان قىلىپ، بوخەي دېڭىزى رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ياردەمچىگە ئايلىنىشى كېرەك. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا يېڭى ئۈلگە تىكلەپ، ئۈستۈنلۈككە ئېشىندى كەسىپ ئىقتىدارى ۋە زور ئۈسكۈنىلەرنى سىرتقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا بازاردىكى رىقابەتكە قاتنىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خېبېينىڭ تىرىپ ئىشلەپ، يېتىشىۋېلىش ۋە ھالقىپ كېتىش ئۈچۈن كۈچەپ، يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر