مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 13-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.01.27 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 13-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:

  ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 12-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىيېتنام خەلقىنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق.

  ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 13-قۇرۇلتىيى ۋىيېتنام پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، ۋىيېتنام پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. يىغىندا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە ۋىيېتنام دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدىكى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە يولغا قويۇش تەدبىرى بېكىتىلگەنلىكى ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە «ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىناق قوشنىدارچىلىقتا دوست ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» بولۇش روھىدا چىڭ تۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن جۇڭگو-ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پائال تۆھپە قوش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ