مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 26-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ زور خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2020.12.14 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا 26-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن بىللە پىلانلاپ، بىللە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى يۈەن پېڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى «تەكلىپ»ىدە تۇنجى قېتىم تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇپ، مەخسۇس بابتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز دۆلەتتە ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك بولۇۋاتقان، مىللەت خەۋپ-خەتەر، قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا ئەستىن چىقماس تونۇشقا ئىگە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىگە كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قارىتا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مۇھىم ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن-نىزاملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دۆلىتىمىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى.

  شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئون تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى نېگىز قىلىپ، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئېغىر، زور خەۋپسىزلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى ئۇللۇق كۈچ قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. تۆتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم تەرەققىيات ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىكى پىكىر يولى، تۈزۈلمىسى، ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق خەۋپسىزلىك مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىك ئامىللىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئويلىشىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، سىياسىي بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت خەۋپسىزلىكى ۋە تۈزۈم خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالتىنچى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىككە بىرتۇتاش پىلانلاپ تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسەت قورالى ساندۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. يەتتىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن كۆرۈش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان يوشۇرۇن خەۋپنى تىرىشىپ بايقاش ۋە بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سەككىزىنچى، خەلقئارا ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇنچىللىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك قارىشى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. توققۇزىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتى يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئونىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سېپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېمىرىلمەس دۆلەت خەۋپسىزلىكى كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ