مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2020.12.14 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: تۈركمەنىستان مەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشكەندىن بۇيان، پائال تۈردە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رايون، ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. مۇقىم تەرەققىي قىلغان، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولغان جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. مەن جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ