مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2020.10.28 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمى − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىرى. دۆلىتىمىز ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم بولۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنيادا پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر ۋە پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى ئەمەلىيىتىدە ئىزدىنىپ چىققان ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى قانۇن ئۆلچىمىگە كۆتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىيەت داۋامىدا كۆرۈلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر بولدى.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام» جەمئىي بەش باب، 38 ماددا بولدى.

  «نىزام» دا: پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمىنىڭ نىشانى __ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى پائالىيىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان شەخس، تەشكىلاتلارنى مۇكاپاتلاش، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنيادا پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكى بەلگىلەندى. دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى يىرىك پىلانى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن ئاساسى تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئاساسى تەتقىقاتىنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئەمگەككە، بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ