مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلبنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا قويۇش لازىم

2020.10.28 18:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومى تارقىتىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بۇ ئەسەر ۋە بۇ ئەسەرنىڭ 1-، 2-تومىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندە، «خەلق» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭ پۈتۈن ئەسەرگە ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە 100 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2016-يىلىدىن بۇيان، «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان» ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە 165 چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى سىجىل راۋاجلاندى.

  پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولدى. باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى كىشىلەرمۇ تور ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈرەش ھېكايىلىرىنى يۇرتىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرمەكتە؛ ئىلگىرى ھەتتا ئاشلىقمۇ ياخشى ئۆسمىگەن تاغلىق، چۆللۈكلەر ھازىر سورتلۇق كۆكتات، سورتلۇق مېۋىلەر ئۆسىدىغان جايلارغا ئايلاندى... ئىلگىرىكى بۇ نامرات جايلارغا بېرىپ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ باقساقلا، نېمىنىڭ «خەلق ھېسسىياتى» ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، قانداق قىلغاندا «خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلبنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا قويغىلى بولىدىغانلىقى»نى بىلەلەيمىز.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مۇشۇنداق كۈچنى ھېس قىلدۇق؛ كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى ھېكايىلىرىدىن مۇشۇنداق كۈچنى ھېس قىلدۇق؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرلەش جەريانىدا بۇنداق كۈچنى ھېس قىلدۇق. پارتىيەمىزنىڭ ھەممىدە خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، يېڭى جۇڭگودا ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشتەك تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ