خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلاردىن كەلگەن ئالىملار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىگە «پەن-تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىش» چاقىرىقىنى چىقاردى. بۇ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ۋە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش لازىم
1956-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىش» چاقىرىقىنى چىقىرىپ، «1956-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە بولغان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى پىلانى»نى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىلىم-پەن ئۆگىنىدىغان، ئىلىم-پەن قوللىنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بىر يۇقىرى پەللىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن «ئىلىم-پەن باھارى» دىن «پەن-تېخنىكا __ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»غىچە، پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىشتىن، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشقىچە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىن، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقىچە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىق تارىخىي مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە قارىتا زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويدى؛ يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، زور تۆھپە قوشتى. بۇ يىل، ئېلىمىز پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش»تىكى تۇنجى قەدىمىنى تاماملاپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قاتارىغا كىرىدۇ، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى سان جۇغلانمىسىدىن سۈپەتكە ھالقىش، نۇقتىدا بۆسۈشتىن، سىستېما ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ