مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2020.10.28 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.» دەپ تەكىتلىدى. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئادەم تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش − بىر مۇھىم ھالقا. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئادەم تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش، ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش جەريانىدا، قېلىپلاشقان باشقۇرۇشنىڭ قاتتىق تەلىپىنى ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنىڭ ئەخلاق يېتىلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش مۇھىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەسىدىكى ئادەم تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي خىزمەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ۋە قوبۇل قىلىش ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلغارلىرىنى باھالاش، پارتىيەگە كىرىش، ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىشقا كۆرسىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردا ئادىل، ئاشكارا، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بىلەن ئىنسانىيلاشقان باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەشنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭى تەپەككۈرى ۋە يېڭى چارىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن ئىدىيەۋى قىيىنچىلىقىغا قارىتا كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپ ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، يۈكىنى تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە سەمىمىي ياردەم بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ