مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلايلى

2020.10.28 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «رەھبىرىي كادىرلار ئىككى ئومۇمىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك، بۇنىڭ بىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك ئومۇمىيەت، يەنە بىرى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش، بۇ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى پىلانلىشىمىزدىكى ئاساسىي چىقىش نۇقتىمىزدۇر».

  «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىدىكى مۇھىم بايانلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش − بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئومۇمىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر بىر ساھەنى كۆزلىيەلمەيدۇ. «ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشتە، دۇنياۋى نەزەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرغا ئىگە بولۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ھازىر تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، دۆلىتىمىز يەنىلا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا تىنچلىقى، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ھالدا زومىگەرلىك، بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كەلمەكتە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، ھەر خىل قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  «ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆڭۈلگە پۈكۈش − تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئۆزىنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق كاشىلىدىن قايمۇقۇپ قالماي، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە شۇكى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا-دۇمباق چېلىپ ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، چوقۇم جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىشى − بىزنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ئاساستۇر. بارلىق كاشىلىلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، زېھنىمىزنى يىغىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلساق، ئۆتكىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل قالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ