مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىللىق پونكىتتكى ئىللىق ھارارەت

2020.10.28 18:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى، توك قاچىلىغۇچ، دەم ئالىدىغان ئۈستەل-ئورۇندۇق، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كۈنلۈك، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق... بۇلار بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ دالادا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرگە قۇرۇپ بەرگەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پونكىتى ئىچىدىكى تۈرلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى. ئىگىلىنىشىچە، بۇنداق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پونكىتى مەملىكەت بويىچە خېلى كۆپ بولۇپ، سىرتتا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنى ئىللىق «ئارام ئالىدىغان جاي» بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە شەھەرلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانىي ھارارەت ئاتا قىلغان.

  ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇشتا، مۇھىمى ئېھتىياجغا قاراپ ئىش كۆرۈش، باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم. شەھەرنىڭ نورمال، تەرتىپلىك ئايلىنىشى ئۈچۈن تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى، تاكسى شوپۇرى، مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى قاتارلىق ئەمگەكچىلەر دائىم تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرىدۇ. سۇ ئىچىش تەس بولۇش، تاماق يېيىش تەس بولۇش، ھاجەت قىلىش تەس بولۇش قاتارلىقلار ئۇلار دۇچ كەلگەن رېئال قىيىن مەسىلە. بۇ قاتتىق ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىجتىمائىي ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پونكىتى بەرپا قىلىپ، ئىچىملىك سۇ، ئىسسىق تاماق، دەم ئېلىش، ھاجەت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى، نۇرغۇن پونكىتلار يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، توك قاچىلاش، تورلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پونكىتلىرى كۆپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كەڭ بولدى، بەزىلىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ، بەزىلىرىنىڭ كىچىك، بەزىلىرىدە ئەسلىھەلەر كۆپ، بەزىلىرىدە ئاز بولسىمۇ، قىشتا ئىللىقلىق، يازدا سالقىنلىق ئاتا قىلدى، قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بولسىمۇ، ئەمما سىرتتا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىۋاسىتە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە ساخاۋىتىنى ئەمگەكچىلەرنىڭ قەلبىگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

  ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش − بىر شەھەرنىڭ ئىنسانىيلىق روھىنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دالادا ئىشلەيدىغان بۇ خىزمەتچىلەر شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم توپ، ئۇلارنى شەھەرگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش − ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. يۇقىرى تېمپىراتۇرا تولۇقلىمىسى بېرىش، تومۇزدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىشتىن بىر قىسىم دۇكاندارلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش، ئىسسىقتىن ساقلىنىشىغا جاي ھازىرلاپ بېرىشىگىچە دالادا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەش بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، دالادا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەقىقىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى. بىز تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قاتنىشىپ، دالادا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ