مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ قەشقەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن بەشى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 19 كىشى يېڭىدىن كۆپەيدى

كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم بىلەن 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يۇقۇمدىكى ۋىرۇسنىڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى تۈگىتىلدى

2020.10.28 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى لىنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0 دىن 17 گىچە، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن بەشى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 19 كىشى يېڭىدىن كۆپەيدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى يوق ئىكەن، بەلكىم يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرغان بولۇشى، كېسەللىك جەريانىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاكتىپ تىببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

  10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17 گىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە ھازىرقى بەش نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار، كېسەللىك ئالامىتى يوق 178 نەپەر يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بەش بىمارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگەن؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 19 نەپەر بولۇپ، ھەممىسى 26-ئۆكتەبىردىكى مۇسبەتلىك ئارىلاشما تۇرۇبىلىق قايتا تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىكەن.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى لىنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، قەشقەر ۋىلايىتى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى. قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئادەم 4 مىليون 746 مىڭ 500 نەپەر بولۇپ، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17 دە، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى، كوناشەھەر ناھىيەسىدە دوكلات قىلىنغان 183 كىشىنىڭ مۇسبەت چىققاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەنپىي بولدى، باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىكى بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 24-ئۆكتەبىر كەچتە، ش ئۇ ئا ر كېسەللىكنى تىزگىنلەش مەركىزى 19 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئېقىم تەڭشەش قوشۇنىنى كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئەۋەتىپ، قەشقەردىكى يەرلىك ئېقىم تەڭشەش كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان؛ 25-ئۆكتەبىر كەچتە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنى كونترول قىلىش ئىدارىسى بىلەن جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەن؛ 26-ئۆكتەبىر، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت كەسپىي كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش قوشۇنى بىرلەشمە ئېقىم تەڭشەش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئېقىم تەڭشەش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرغان.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى لىنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەۋرىشكە ۋىرۇسىنى پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسى بويىچە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم بىلەن 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يۇقۇمدىكى ۋىرۇسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى تۈگىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ