مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا بۈيۈك مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2019.05.27 14:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا بۈيۈك مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۈيياڭ شەھىرىدە باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئالاقە تورى، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئاقىل ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، بۇ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. ھەر قايسى ئەللەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېفىرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۈيۈك مەلۇمات تەرەققىياتىنىڭ قانۇن، بىخەتەرلىك، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلىرىدىكى خىرىسلارنى توغرا پەملىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بۈيۈك مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ھەر قايسى ئەللەر بىلەن سېفىرلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى ئېشىش قۇۋۋىتى ۋە تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقشنى خالايدۇ. ھەر قايسى ۋەكىللەر ۋە مېھمانلارنىڭ «يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە تۈرتكە بولايلى» دېگەن بۇ تېمىنى چۆرىدەپ، بۈيۈك مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق پىلانىنى تەڭ مەسلىھەتلىشىپ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ