مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ: تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدىكى ماھارەت ئۆستۈرۈش-تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.05.24 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 23- ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇرۇش بولسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى پەسەيتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر، ھەمدە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم تىرەك ھېسابلىندۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، 100 مىليارد يۈەنلىك ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ۋە باشقا تەربىيەلەش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجى ۋە بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە نامرات ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىقلارنى تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدىكى ماھارەت ئۆستۈرۈش-تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى خەتەرلىك كەسىپلەرنىڭ كەسىپكارلىرىنى بىخەتەرلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، كارخانا، كەسپىي مەكتەپ ۋە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تەربىيەلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىلچان، ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ