مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ شاڭگاڭ شياڭگاڭ فۇجيەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بىرلەشمسىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2019.05.23 08:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا شياڭگاڭ فۇجيەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بىرلەشمەسىنىڭ بېجىڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خەن جېڭ شياڭگاڭ فۇجيەن ئىجتىمائىي تەشكىلات بىرلەشمىسىنىڭ شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى .ئۇلارنىڭ ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيۈش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى قانات يايدۇرۇۋاتقان «ئىككى نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تامامەن قوللايدۇ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى ۋە ھەر ساھەنىڭ ئەقلىي مۇزاكىرىسى ئارقىلىق، چوقۇم گۇماننى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .ھەر ساھە ئەرباپلىرىنىڭ شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىنلىق ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شياڭگاڭ فۇجيەن ئىجتىمائىي تەشكىلات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋۇ پېييەن، پەخرىي رەئىسى ۋۇ خاۋلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. يۇ چۈەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ