شى جىنپىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم

2019.05.23 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 20-مايدىن 22-مايغىچە جياڭشىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  باش ياز پەسلىدە، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى بۈك- باراقسان بولۇپ، گۈللەپ ياشنىدى. 20- ماي، شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى، ئۆلكە باشلىقى يى ليەنخۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، گەنجۇ شەھىرىدىكى كارخانىلار، يېزىلار، ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىنقىلابىي كونا رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  20-ماي چۈشتە، شى جىنپىڭ ئايروپىلاندا گەنجۇغا يېتىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن جياڭشى جىنلى مەڭگۈلۈك ماگنىت پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. كارخانا كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى ۋە گەنجۇ سىرەك توپا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئېلىمىزنىڭ سىرەك توپا بايلىقىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، تەرەققىيات تېخنىكىسى، قوللىنىش ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا قوللانغان مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شى جىنپىڭ ئوراپ قاچىلاشنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش لىنىيەسى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆيدۈرۈش پېچى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، نەق مەيداندىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − كارخانىنىڭ جان تومۇرى. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىلا، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى، كەسكىن رىقابەتتە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش كېرەك. سىرەك توپا − مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق، شۇنداقلا قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈر مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ