مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈردى

2019.05.27 14:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 24-ۋە 25-كۈنلىرى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جيايى، ئۆلكە باشلىقى گۇڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋېيفاڭ، جىنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ ۋېيچەي گۇرۇھىدا كارخانىلارنىڭ باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئەمەلىي سوممىسىنى تەپسىلىي سورىدى، كارخانا تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىدىن كۆرۈنەرلىك نەپكە ئېرىشكەنلىكى، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش، تەتقىقاد ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىلگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم يۈرۈشۈشنى ساقلىدى، نۆۋەتتە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىشتە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ــ ئاچقۇچلۇق تەدبىر، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باج مەنبەسىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ، چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق كارخانا چەت ئەل تەتقىقات مەركىزى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ھۈنەرۋەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى.

  گېئېر شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات قاتارلىق تەتقىقاد ياسىمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقراۋى كارخانا. كارخانا مەسئۇلى زۇڭلىغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل يۈز مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج ۋە ھەق تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن، شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كېلەر يىلى سىياسەت پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. لى كېچياڭ سېخ ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمە مەركىزىگە كىرىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارى، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە بىلەن بولغان پەرقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە كەڭ ھەمكارلىققا تايىنىپ پۇختا قەدەم تاشلىغاندا ئاندىن ئاخىرىدا ئىستېمالچىلار ۋە بازارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  لى كېچياڭ چىلۇ بانكىسىغا كېلىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ئوتتۇرا كىچىك بانىكىلارنىڭ يۆلەنچۈكى، قەرز تەكشۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرىدىغان، ئىناۋىتى ياخشى، ئىستىقبالى بار كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق پۇل-مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  تەكشۈرۈش جەريانىدا لى كېچياڭ ۋاقىتلىق توختاپ بىر مېۋە دۇكىنىغا كىرىپ، مېۋە باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە سەۋەبىنى سورىدى.

  ئۇ بىللە كەلگەن يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ھازىر بازاردا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ ئىكەنلىكى، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن مەھسۇلات باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇۋاپىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.

  لى كېچياڭ شەندۇڭنىڭ يېڭى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىش ئۇنىۋېرسال ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شەندۇڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تىرەك بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ