مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى چوڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى،
پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى ئەسلىي مەقسەتنى نامايان قىلدى

2019.05.27 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كىشىلەر پېشقەدەم قەھرىماننىڭ نام-مەنپەئەت قوغلاشماسلىق ۋە خالىس تۆھپە قوشۇشتەك روھىدىن تەسىرلىنىپ، بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالسىنىڭ ئۆمۈر بويى ئۆز نام-تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشتەك روھىي مەنزىلىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قايىل بولۇشتى.

  كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم يوليورۇقى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بولۇش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاڭ فۇچىڭنى ئۈلگە قىلىپ، تۆھپە قوشۇش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نام ـ مەنپەئەتكە بېرىلمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

  قەھرىمانلارغا سالام يوللاپ، ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش

  "ئېتىقاد نۇرى ئۆچمەيدۇ، ئېتىقاد دەرىخى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ"

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ 60 نەچچە يىلدىن بېرى ئۆز نام-تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەن. ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

  جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىش-ئىزلىرى تاراتقۇرلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۆز نام-ئاتىقىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ كەلگەن پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭغا كۆپچىلىك چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى. جاڭ فۇچىڭنىڭ يېنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى دەسلەپتە ھەيران بولۇپ، ئارقىدىن ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ