مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى زوكوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.05.22 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى زوكو ۋىدوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەمدە ئۆز نامىدا ئۇنىڭ ئۇدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، ئىككى تەرەپ ھازىر رايون ۋە كۆپ تەرەپ قاتلىمىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمدە تەبىئىي ھەمكارلىق ھەمراھىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىشتىكى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. مەن، جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ زوكو بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىكى بەش يىلدىكى نەتىجىلەر ئاساسىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ