مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.05.27 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى 5- ئاينىڭ 26-كۈنى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۈيياڭ شەھىرىدە باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئورتاق ياخشى ئىگىلەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنىڭ قانۇن، بىخەتەرلىك، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، يېڭى ئېشىش ئېنېرگىيەسى ۋە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ۋەكىللەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ «تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، كەلگۈسىنى سۆزلەش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ