باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەت ۋە رۇسسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2013.09.06 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى

  جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئۇدا ساغلام تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان شەرت-شارائىتقا ۋە ئىقتىدارغا ئىگە

  5 ــ سېنتەبىر، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىنى روسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى، ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بىرىنچى باسقۇچ يىغىنغا قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر سانتپېتىربۇرگدىن بەرگەن خەۋىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىنى 5-چېسلا روسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى، ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ھەرقايسى دۆلەتنىڭ يىراققا نەزەر سېلىشى، ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتتا يىڭىلىق ياراتقان، ئىقتىسادىي ئېشىشتا ھەمكارلاشقان ۋە مەنپەئەتى يۇغۇرۇلغان دۇنيا ئىقتىسادىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈشى، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تېخىمۇ زىچ بولغان ئىقتىسادى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قۇرۇپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق غەلىبىگە ئېرىشىدىغان ئېچىۋېتىلگەن ئىستراتېگىيەدە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئۇدا ساغلام تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان شەرت-شارائىتقا ۋە ئىقتىدارغا ئىگە. (مۇخبىر دۇ شاڭزې، چېن شياۋۋېي، شيې ياخۇڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر