باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشى دۇرباندا ئۆتكۈزۈلدى

2013.03.28 15:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

27-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھرىدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم نۇتۇق سۆزلىمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت دۇرباندىن بەرگەن خەۋىرى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 27-چېسلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جەنۇنىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بارسېلو، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگې ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. بەش دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ «تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان، بىر گەۋدىلەشكەن ۋە سانائەتلەشكەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىسىنى چۆرىدەپ ئۆز كۆزقاراشلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلايلى» دېگەن باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەم ئەزا دۆلەتلەر خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مەسئۇلىيىتى. مەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (مۇخبىر دۇ شاڭزى، جياڭ ئەنچۈەن)
27-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە