باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى 84 تۈمەن پارا ئالغانلىقتىن سوتتا ئەيىبلەندى

2013.03.27 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەن جىنايىتىمگە قارىتا ھېچقانداق زاكۇنلاشمايمەن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ مۇھىم پرىنسىپى، مەن جىنايىتىمنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنىمەن». بۇ 26-مارت، شىنجاڭ كەسپىي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى (ئەسلىدىكى شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسى)نىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى مياۋ Xنىڭ 84 تۈمەن پارا ئالغانلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوتىدا ئەيىبلەنگەندە دېگەن سۆزلىرى.

  مياۋ Xبۇ يىل 48 ياش، دېلو يۈز بېرىشتىن بورۇن شىنجاڭ كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىدى.

  2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، مياۋ X خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم تەيجۇ شەھەرلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ ئىككى مال ساتقۇچى خادىمىدىن 62 تۈمەن نەق پۇل ئالغان؛ 2010-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئۇ يەنە خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى بىر سودا شىركىتى مەسئولىنىڭ 22 تۈمەن پۇلىنى ئالغان.ئەيىبلىگۈچى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى؛ مياۋ دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ تۇرۇغلۇق قانۇنسىز 84 تۈمەن يۈەن خىيانەت قىلغان بولۇپ، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن «جىنايى ئىشلار قانۇنى» بويىچە ئۇنىڭ جىنايىتى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك

  مياۋ Xمۇنداق دېدى، پارا ئالغان پۇللارنى قول ئاستىمدىكىلەرگىمۇ ئۆلەشتۈرۈپ بەردىم، 8 تۈمەننى ئۈچ كىشىگە ئۆلەشتۈرۈپ بەردىم، بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن 68 تۈمەننى قايتۇرۇپ بەردىم. مەن بۇ قىلمىشىمغا يىنىكلىتىپ جازا بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سوت مەھكىمىسى قايتا سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ.(راۋ جۈنخۇا، ۋاڭ شىگۇاڭ، بو رۇي خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە