- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 600 مىڭ بالا توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
2013.03.28 09:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيتىنىڭ باياناتچىسى 26-مارت مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تەخمىنەن 600 مىڭ بالا بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئۈچ ئايدا، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر كونتىرول قىلغان كۆپ قىسىم رايونلاردىكى بالىلار ئوقۇتۇش، داۋالاش قاتارلىق ئاساسى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالمىدى، بىر قىسىم رايونلاردا كىشلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرىدىغان دورىلار كەمچىل بولدى، داۋالاش سەھىيە ئىشلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل تەخمىنەن 13 مىڭ 500 بالا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بالىلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشمۇ بۇ دۆلەتتىكى بالىلار يولۇققان ئاساسلىق خەۋپنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە