- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12 ئىناۋەتلىك كارتا ئېلىپ كەلگەن تۈرمە بالاسى
2013.03.28 13:36 مەنبە: خەلق تورى
ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئەمما بەزى ئادەملەردە «ئىناۋەت» ئېڭى يېتىلمىگەنلىكتىن، كارتا تۈپەيلىدىن جازالاندى. تۆنۈگۈن، بېيجىڭ شىچېڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇلتۇر ئىناۋەتلىك كارتا دېلولىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ قالغانلىقىنى، %80 تىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىدىن پۇل ئېلىپ خەجلەپ، قايتۇرمىسا جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئورتاق قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى،بۇ كىشىلەرنىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.
شى X 2008-يىلىدىن بۇيان، گۇاڭدا بانكىسى، شىڭيې بانكىسى، قاتناش بانكىسى، خۇاشيا بانكىسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، مىنشىېڭ بانكىسى ۋە جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق 9 بانكىدا 12 ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ، نەق پۇل ئېلىپ خەجلىگەن. 2010-يىلى، شى X پاي چەك سودىسى قىلىپ زىيان تارتقاندىن كېيىن، ئىناۋەتلىك كارتىسىدىن پۇل ئېلىپ مەبلەغ ئايلاندۇرۇشقا ئىشلەتكەن، بەزىلىرىنى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن، ھەر بىر كارتىدىكى ئىناۋەتلىك پۇل سوممىسىنى شى X پۈتۈنلەي ئىشلىتىۋەتكەن.
2011-يىلىدىن كېيىن، بانكا خادىمى كۆپ قېتىم ئۇچۇر يوللاپ، خەت يېزىپ، تېلېفون قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى قەرز قايتۇرۇشقا ئۈندىگەن، ئەمما شى Xنىڭ سودىسىدا مەبلەغ ئۈزۈكچىلىكى كۆرۈلۇپ، قەرز قايتۇرۇشقا پۇلى يەتمىگەن. دېلو سادىر بولغىچە ، شى X جەمئىي 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئېلىپ خەجلىگەن، ئۇ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە