باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى:مىللىي تېبابەت دورىلىرى جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى قانۇنىنى تۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە

2013.03.28 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قانۇنى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن تۈزۈش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھەرلىك 26- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوڭ يۈن مىللىيچە تېبابەت دورىلىرىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قانۇنى تۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە دەپ تەكلىپ بەردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: زاڭزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، مياۋزۇ، جۇاڭزۇ تېبابىتى قاتارلىق مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، توغرا مىللىي سىياسەت ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، مىللىي تېبابەت دورىلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى تېخنىك قوشۇنى مۇكەممەل، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسى تولۇق بولۇش،خەلق ئاممىسى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق قانۇن تۈزۈش شەرتلىرىنى ھازىرلىدى. مىللىي تېبابەت دورىلىرىمۇ بۇنى ھازىرلىدى.

  دوڭ يۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر قىسمەن دۆلەتلەر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىلمىي يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى، ماددىي مەدەنىيەتكە بولغان قانۇن تۈزۈش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەرنى ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى. مىللىي تېبابەت دورىلىرى مۇھىم ئىگىلىۋېلىش ساھەسىگە كىردى. بىز بۇنىڭدىن پەخەس بولۇپ، مىللىي تېبابەت دورىلىرى قانۇنىنى تىزراق تۈزۈپ، بىخەتەر مەدەنىيەت توسىقى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  دوڭ يۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قانۇنىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرى قانۇنى ياكى ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرى قانۇنىغا ئۆزگەرتىلسە. بۇ قانۇننى تەڭشەش ئوبيېكتى ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىغىچە كېڭەيتىلسە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماتېرىيال قىلىپ خاتىرىلەش، تېخنىك قوشۇنلىرى، باشقۇرۇش سىستېمىسى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنسا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە