باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى جۇڭگو پامىر كىرا ئاپتوموبىلى شىركىتىنىڭ 200 كىرا ئاپتوموبىلى يولغا چىقتى (1)

2013.03.27 15:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-يىل 26-مارت چۈشتىن كېيىن، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭگو پامىر كىرا ئاپتوموبىللىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ 200 كىرا ئاپتوموبىلىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدىن كېيىن ئۇيغۇر، خەنزۇ ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان تاكسى شوپۇرلىرى ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ، يېرىم كۈنلۈك ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

  شىنجاڭ جۇڭگو پامىر مەبلەغ سېلىش پاي كونترول گۇرۇھى «دۆلەتكە ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش، ئورتاق بېيىش» ئارزۇسى بىلەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈش، تاكسى توسۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەل قىلىش ئۈچۈن، 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، «ئۈرۈمچى جۇڭگو پامىر كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ، 200 كىرا ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان، مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق كىشىلەرگە كۈنلۈكىنى 160 يۈەن (كۈندۈزلۈك ھەيدەش ھەققى 95يۈەن ۋە كەچلىك ھەيدەش ھەققى 65 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىجارىگە بېرىپ ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماقچى بولدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە