جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىچە؛ 27-مارت سائەت 10:03 ئۆتكەندە، تەيۋەننىڭ نەنتۇ ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 24 گىرادۇس، شەرقىي مېرىدىئان 121 گىرادۇس)تا 6.5 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى سەككىز كىلومېتىر. (يۈ شياۋجيې)فۇجۇدىكى بىر كەسپىي ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان خۇاڭ خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، شۇ چاغدا مەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىدا ئىدىم، تۇيۇقسىزلا ئۈستەل ـ ئورۇندۇقلارنىڭ تەۋرەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، پۈتۈن جەريان نەچچە سېكونتلا داۋاملاشتى. «دەسلەپتە بېشىم قېيىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدۇم، كېيىن خىزمەتداشلىرىم ھەممىسى ۋارقىرىشىپ كەتكەندىلا يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدىم.
مۇخبىر شىنلاڭ مىكروبلوگىغا چىقىپ، نۇرغۇنلىغان فۇجيەنلىك تورداشلارنىڭ تەۋرەش سىزىمىنى ھېس قىلغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەندە يەر تەۋرىگەن ـ تەۋرىمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان.