باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇشاررافنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سايلامغا قاتنىشىشىدىن ئېغىز ئاچماق تەس

2013.03.27 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاندا سوت مەھكىمىسىگە سابىق زۇڭتۇڭ مۇشاررافقا چېتىشلىق دېلونى قاراپ چىقىپ ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر، ئۇنىڭ چوڭ سايلامغا قاتنىشىشىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان ئادۋۇكاتلار بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى دىنىي زاتلار سوت مەھكىمىسىدىن مۇشاررافنى چېگرىدىن چىقىشقا چەك قويۇلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ھەمدە ئۇنى ئىمكانقەدەر تېز سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.

  چەت ئەلدە 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مۇشارراف 24-چېسلا دۇبەيدىن كاراچىغا كەلگەندىن كېيىن، قوللىغۇچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە پاكىستان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاندىكى كۆپ سانلىق پارتىيەلەر مۇشاررافنىڭ قايتىپ كېلىشىگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك نەزىرىدە بولمىغان. مۇشارراف بۇ قېتىم دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشتە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆز رەھبەرلىكىدىكى «پاكىستان مۇسۇلمانلار مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى» پارتىيەسىنى يېتەكلەپ 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامغا قاتنىشىشنى كۆزلىگەن.

  پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇشارراف دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە