- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى بىۋاسىتە شەخسىي ئىسچوتقا سېلىش يولغا قويۇلىدۇ
2013.03.27 17:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ 26-چېسلا چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدىن قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھرىدە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تارقىتىش تەرتىپى تەڭشىلىپ، ھەرقايسى رايون، ناھىيە، مەھەللىلەر (يېزا) دىكى ئىجتىمائىي كاپالەت ئورنى تارقىتىپ بېرىشتىن شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مەركىزىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن بانكىلار ۋاكالىتەن تارقىتىپ بېرىشكە ئۆزگەرتىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلغان 26 يىلدىن بۇيانقى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى رايون، ناھىيە ۋە مەھەللىلەر تارقىتىپ بېرىدىغان تارىخقا خاتىمە بېرىلىدىكەن. ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ كېيىنكى ئاينىڭ 17-كۈنىدىن كېيىن تاپشۇرۇۋالسا بولىدىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ مىڭخاۋ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە