باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قەشقەر ــ ئېركەشتام تاشيولىدا 2013-يىلى 10-ئايدا قاتناش باشلىنىدۇ

2013.03.27 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ قەشقەردىن ئېركەشتام پورتىغىچە بولغان يول پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.

  26-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-ترانسىپورت نازارىتىدىن ئىگىلىىشىچە، قەشقەردىن ئېركەشتام پورتىغا بارىدىغان تاشيول جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا، شىمالىي ۋە غەربىي ئاسىياغا بارىدىغان مۇھىم قاتناش يولى. بۇ تۈر ليەنيۈنگاڭ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ مۇھىم تارماق لىنىيەسى. باشلىنىش نۇقتىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش چېگرىسى ئىچىدىكى تار جىلغا بولۇپ G314 لىنىيەسى K1439+900 ئارىلىقىدا ئاتۇش، ئۇلۇغچات ناھيەسى سىمخانا قاتارلىق جايلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتا ئۇلۇغچات ناھىيەسى چېگرىسىدىكى ئېركەشتام چېگرا پىنىيەسىگىچە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي لىنىيە ئوزۇنلۇقى 214 كىلومېتىر. بۇ تۈ قۇرۇلۇشىغا 4 مىليارد 168 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2011-يىلى 1-ئاپرېلدا قۇرۇلۇش باشلاپ، 2013-يىلى 31-ئۆكتەبىردە تاماملاش پىلانلانغان.

  قەشقەر- ئېركەشتام پورتى تاشيولى تۈرىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن قوماندانى لۈ شيەنۋېن مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىدا 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۆۋرۈك ياساش ئىشلىرى تاماملىنىدۇ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاشيول قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. 10-ئايلاردا، ئۆتكۈزۈۋىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدۇ. (ۋاڭ شيا)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە