باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى كۈرد ئىشچىلار پارتىيەسى چوقۇم قورالنى تاشلىشى كېرەك دېدى

2013.03.27 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل 26-مارت كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن كۆرۈشكەندە كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قۇرالىنى پۈتۈنلەي تاشلىغاندىلا دۆلەت ئىچىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دېدى.گۈل شۇ كۈنى ئەنقەرەدە كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا،گۈل يېقىندا كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ داھىسى ئوكالان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تىنىچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا توختىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسلە كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قورالنى تاشلىشى كېرەك، ئەگەر قورال تاشلىماي تۈركىيەدىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ دېدى.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى دۆلىتىمىزدىكى ھەربىر كىشىگە تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ئاللىقاچان سۆھبەت لايىھەسىنى تۈزۈپ بولدى. گۈل بىلەن بىيا ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ساياھەت، ئېنىرگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىمنامىلىرىگە ئىمزا قويدى. (مۇخبىر لى مىڭ، جېڭ جىنفا)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە