- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھىرى خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدىن 50 نى ئېلىپ، جۇڭگو شەرق-غەرب ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا-سۆھبەت يەرمەنكىسىگە قاتناشماقچى
2013.03.28 13:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 27-مارت، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە ھازىر 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرق-غەرب ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا-سۆھبەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدىن 50 نى تەييارلىغان.بۇ قېتىمقى خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسلىقى نېفىت سانائىتى، ماشىنىسازلىق –ئېلېكترون، يېڭى ئېنىرگىيە، ساياھەت مەدەنىيىتى، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كىرگۈزۈلىدىغان مەبلەغ سوممىسى 93 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرق-غەرب ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا-سۆھبەت يەرمەنكىسى 5-ئاپرېلدىن 9-ئاپرىلغىچە شىئەندە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە