باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

5-نۆۋەتلىك ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى

2013.03.28 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:5-نۆۋەتلىك ئالتون كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن كەچتە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆزگىچە، مول مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپ مەنبەلىك ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرى ئىچىدە باشلاندى. بۇ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى زۇما، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۈتىن، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى روسسىف، ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگى باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن كېسەك دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ۋە ئوندىن ئارتۇق ئافرىقا رەھبىرى بىلەن سۆزلىشىشدۇ.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى- ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ۋە ئافرىقا: بىر گەدىلىشىش ۋە سانائەتلىشىشتەك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يەنە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}