باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشنى تەكىتلىدى

2013.03.27 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

26-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن پرېتورىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى )
  خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې، جياڭ ئەنچۇەن، يۈەن جىرۇڭلارنىڭ 26-مارت پرېتورىيەدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-مارت پرېتورىيەدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى-ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
26-مارت، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما پرېتورىيەدىكى فېدېراتسىيە بىناسى مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى )

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە