باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازافىينىڭ پاناھلىقتا تۇرۇۋاتقان ئايالى ۋە بالىلىرى «يوقاپ كەتتى»

2013.03.27 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى، نۆۋەتتە لىۋىيە ھۆكۈمىتى لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى قازافىينىڭ قاچقۇنلۇقتا يۈرۈۋاتقان ئايالى ۋە ئۈچ بالىسىنىڭ ئىز –دېرىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ تۆتەيلەن ئالجىرىيەدىن ئايرىلغان.

  ئەنگلىيە «قوغداش گېزىتى»نىڭ 25-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر بۇ تۆتەيلەننىڭ ئىز-دېرىكى يوق بولۇپ، لىۋىيە دائىرلىرى ئۇلارنىڭ قاياققا كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنىۋېتىپتۇ. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن، لىۋىيە ھۆكۈمىتى بۇ تۆتەيلەن ئىچىدىن خاننىبالنى تۇتۇۋېلىشنى ئەڭ ئارزۇلايدۇ، چۈنكى خاننىبال ئىلگىرى دېڭىز –ئوكيان ترانسىپورتىنى باشقۇرغان بولۇپ، ئۇچۇرلارغا قارىغاندا قازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق خادىمى ئىكەن.

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بۇندىن ئىلگىرى ئائىشە ۋە خاننىبال ئۈستىدىن «1-دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىپ، بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇلارنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە