باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھان نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى

قىسمەن كەسىپلەرنىڭ نومۇر چېكى ئۆرلىگەن

2013.03.27 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تۆنۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى «2013-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسىگە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ» نى ئېلان قىلدى. مۇخبىر سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، كەسپىي ئىلمى ئۇنۋان تۈرىنىڭ نومۇر چېكىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىدى. ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى تەڭشەش 1-ئاپرىلدىن 5-مايغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ مىسنىتىرلىقى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، ھەر قايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىدىن ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنى تەڭشەش خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 1-ئاپرىلدىن 5-مايغىچە مائارىپ مىسنىتىرلىقى «جۇڭگو ئاسپىرانتلار ئۇچۇر تورى» (تور بەت ئادىرېسى http://yz.chsi.com.cn، مائارىپ تورى http://yz.chsi.cn) دا «مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەڭشەش سىستېمىسى» نى ئاچىدۇ، شەرتى توشىدىغان ھەمدە تەڭشەشكە قوشۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىدا تورغا چىقىپ، تەڭشەش ئۇچۇرلىرىنى ۋە تەڭشەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، تەلەپكە ئاساسەن تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان، تەڭشەيدىغان ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە