جېيجياڭ ئۆلكىلىك يوقىرى سوت ئون يىل ئىلگىرىكى خاتا چىقىرىلغان ھۆكۈمنى تۈزەتتى
جازا مۇددىتى 10 يىلغا توشقاندا گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىندى
2013.03.27 17:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق گېزىتى مۇخبىرى جياڭ نەننىڭ 26-مارت خاڭجۇدىن بەرگەن خەۋىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك يوقىرى سوت مەھكىمىسى بۈگۈن قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇندىن 10 يىل مۇقەددەم يۈز بەرگەن بىر باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدا، ئەسلىدىكى 1-سوتتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ۋە مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا مۇددىتى 10 يىلغا توشقان جاڭ خۇي، جاڭ گاۋپىڭ قاتارلىقلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە