- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


4G تورى نومۇرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تارقىتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە
4G تورىدا يوقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن توختاپ قالمايدۇ
2013.03.27 17:02 مەنبە: خەلق تورى
پەقەت يۇقىرى سۈرئەتلىك 4G تورىنىڭ تور ئۆتكىلى نومۇرى (CPE) بولسىلا، ئالاقە تورىدا يوقىرى ئېنىقلىقتىكى كاتتا فىلىملەرنى تۇسالغۇسىز كۆرگىلى، ئوتتۇرىچە سېكۇنتىغا 5 مىگابايتلىق سۈرئەت بىلەن كىنو-فىلىملەرنى چۈشۈرگىلى بولىدا؛ مىكرو بىلوگ مەزمۇنلىرىنى يېڭىلاش، تور ئويۇنى ئويناشتا تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىدىن قاقشاش بىھاجەت، خالىغان جاي، خالىغان ۋاقىتتا بىر توردىن كۆپ خىل پايدىلانغىلى بولىدۇ...
خاڭجۇ شەھرىدە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ TD_LTE (ئادەتتە 4G تورى دەپ ئاتىلىدۇ) تېخنىكىسىنى ئالدىن چۈشىنىپ باقماقچى بولغان بىر تۈركۈم ئابونتلارنىڭ بىرى بولغان خۇاڭ خېنىم ئۆز تەسىراتىنى بىرىنچىدىن تېز، ئىككىنچىدىن قولايلىقكەن، دېگەن ئىككى نۇقتىغا جەملىدى.جېجياڭدا ئالدىن چۈشىنىپ باقماقچى بولغان ئابونت 14 مىڭدىن ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە